پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​قەستلەپ ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ كاتتىۋېشى ئۇجۇقتۇرۇلدى

دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەربىل/خەلىفان رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​قەستلەپ ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ كاتتىۋېشى ۋەدات ئاقساچ ۋە ئۇنىڭ ھەمراقلىقىدىكى 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1878748
پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​قەستلەپ ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ كاتتىۋېشى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ كاتتىۋېشى، كود ئىسمى «شاخان» ۋە ئەسلى ئىسمى  ۋەدات ئاقساچنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ خەلىپان رايونىغا كېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر كەلگەندىن كېيىن، تاغلىق رايوندا ئىز قوغلاش ھەركىتى باشلاندى.

دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە، ۋەدات ئاقساچ ۋە ئۇنىڭ ھەمراقلىقىدىكى 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ئاقساچنىڭ قانۇنسىز ھالدا چوڭ شەھەرلەرگە ئەۋەتىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ تەقىپ قىلىشى ۋە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى بىلەن  ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تېررورچى ئاقساچ بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياشلار تەشكىلاتى <YDG-H> نىڭ قانۇنسىز پائالىيەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، 2015 - يىلى تۈركىيەدىن قېچىپ، پ ك ك نىڭ تاغلىق ئەترىتىگە قوشۇلۇپ قوراللىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئاقساچ تەشكىلات تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش  بويىچە ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ۋە بومبا تەربىيەسى ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر