گېرمانىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى قوللىغۇچىلىرى تۈركىيە پۇقراسىغا ھۇجۇم قىلدى

گېرمانىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىۋېىشى ئابدۇللا ئۆجالاننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزگەن بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى بىر تۈركىيە پۇقراسىغا ھۇجۇم قىلدى.

1878547
گېرمانىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى قوللىغۇچىلىرى تۈركىيە پۇقراسىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېسسېن شەھىرىدىكى يۈرۈش جەريانىدا، پ ك ك قوللىغۇچىلىرى قىزىل چىراغدا كۈتۈپ تۇرغان بىر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ئاپتوموبىلىغا كالتەك ۋە تاشلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇم سەۋەبىدىن ئاپتوموبىل ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

گېرمانىيە ساقچىلىرى يۈرۈشكە قاتناشقان بىر قىسىم پ ك ك قوللىغۇچىلىرىنى نازارەتكە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر