ئەردوغان بالقان زىيارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بالقان زىيارىتى ھەققىدە ۋىدېئولۇق ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
1877747
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، سېربىيە ۋە كىرودىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 كۈنلۈك بالقان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۇچرىشىشلىرىنىڭ مەلۇم بۆلۈملىرى ئورۇن ئالغان ۋىدېئولۇق ئۇچۇرىدا، تۈركىيە ۋە 3 بالقان رايونىنىڭ بايراقلىرىغىمۇ ئورۇن ئاجراتتى.
ئەردوغان، ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «ئۆتمۈشتە ئورتاق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ئورتاق تارىخ ۋە جۇغراپىيەنى ئورتاقلاشقان، ئىنسانىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن قويۇق مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە بالقان رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ھەردائىم قوللايمىز.»