تۈركىيە ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي يەرمەنكىسىگە «رەھبەر دۆلەت» سۈپىتىدە قاتنىشىدىغان بولدى

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي يەرمەنكىسى بولغان «MSPO 2022» دە كۈچ كۆرسىتىدىغان بولدى.

1875601
تۈركىيە ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي يەرمەنكىسىگە «رەھبەر دۆلەت» سۈپىتىدە قاتنىشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل 30 - نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى «MSPO 2022» گە، 6 - سېنتەبىردىن 9 - سېنتەبىرگىچە پولشانىڭ كىئېلجې شەھىرى ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

تۈركىيە 2013-يىلى «MSPO» ھەربىي يەرمەنكىسىگە «رەھبەر دۆلەت» سۈپىتىدە قاتناشقان بولۇپ، ئەمدىلىكتە ئىككىنچى قېتىم يەنە شۇ سالاھىيەت بىلەن قاتنىشىدىغان بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ (SSB) ماسلىشىشى شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ (SSI) قوللىشى ئاستىدا 26 شىركەت بىلەن «MSPO 2022» ھەربىي يەرمەنكىسىدە ئورۇن ئالىدۇ.

يەرمەنكە جەريانىدا تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان ھەر خىل  ئۇچقۇلار، تىزگىنەكلىك قۇرۇقلۇق ۋاستىلىرى، برونېۋىك ئاپتوموبىل سۇپىلىرى، قورال سىستېمىلىرى، دېڭىز سىستېمىلىرى، ئېلېكترونلۇق سىستېمالار، ئوق-دورا، تەقلىدلەشتۈرگۈچى ۋە ئەشيا ئوبوروتى ياردەم مەھسۇلاتلىرى...  قاتارلىقلار ياۋروپالىق قاتناشقۇچىلارغا كۆرسىتىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ساھىبخان دۆلەت ئەمەلدارلىرى ۋە يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان باشقا دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.

تۈركىيە دۆلەت  مۇنبىرىدە، پولشانىڭ ھەربىي مەسئۇلىرىغا ۋە باشقا قاتناشقۇچىلارغا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ۋە ئىلغار تېخنىكا ئىقتىدارى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلىدۇ ھەمدە ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى  مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر