چاۋۇشئوغلۇ سېربىيەدە

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سېربىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

1874896
چاۋۇشئوغلۇ سېربىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئوچۇق بالقان رايونى تەشەببۇسى» يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادقا يېتىپ بارغان چاۋۇشئوغلۇنى، ئايرودۇرۇمدا سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولا سېلاكوۋىچ قىزغىن قارشى ئالدى.

كېيىنچە، «ئوچۇق بالقان رايونى تەشەببۇسى» يىغىنى ئىشتىراكچىلىرىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن كەچلىك تاماق زىياپىتىگە قاتناشقان چاۋۇشئوغلۇ، سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىچ تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، سېربىيە زىيارىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بالقان رايونىدا بىز ھەمىشە قوللاپ كېلىۋاتقان، رايونلۇق ئىگىدارچىلىقنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بىرى بولغان <ئوچۇق بالقان رايونى تەشەببۇسى> يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېلگرادتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر