جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېھراندا پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «(رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەكىللىرىنىڭ ئىستانبۇل ئۇچرىشىشىدىن) ئېرىشىدىغان نەتىجىمىز پۈتكۈل دۇنياغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.

1857021
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېھراندا پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانە ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئىرانغا كەلگەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تېھراندا ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ 24-فېۋرال رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى تېھران خەلقئارا يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

سۆزىنى مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن ھالدا باشلىغان ئەردوغان، يۈزتۇرانە كۆرۈشمىگەن جەرياندا رۇسىيە – تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى تېلېفون ئارقىلىق داۋاملاشتۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئاستانە فورماتىدىكى ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «رۇسىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىمۇ ئىجابىي يۆنىلىشتە داۋام قىلماقتا. (مارت ئېيىدىكى) ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەتلەردىمۇ رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭپوزىتسىيەسى ئىنتايىن ئىجابىي ئىدى. ئۇنىڭدىن ھاسىل قىلىدىغان ئۈنۈمىمىز پۈتكۈل دۇنياغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر