ئەردوغان ئىراندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى
دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن كەچتە ئىران پايتەختى تېھرانغا يېتىپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن ئەتىگەن رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زىيارەت جەريانىدا ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن بىرلىكتە 7 - نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىدا، تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئۇچرىشىشلاردا جەريانىدا، سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.
ئەردوغان ئارقىدىن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلىدىغان ئاستانا فورماتىدىكى 7 – نۆۋەتلىك ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يەنە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشى پىلانلانماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.