مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: فەتۇللاھچىلار بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە خاتىرىجەم بولالمايدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ فەتۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە خاتىرىجەم بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «مەيلى قەيەردە بولۇشلىرىدىن قەتئىي نەزەر، ھامان سوتقا تارتىلىدۇ» دېدى.

1855648
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: فەتۇللاھچىلار بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە خاتىرىجەم بولالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليانىڭ ئالانيا رايونىدا دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسكەلە شارقىراتمىسى ئالدىدا باشلانغان يۈرۈش جۇمھۇرىيەت مەيدانىدىكى ئاتاتۈرك ئابىدىسىدە ئاخىرلاشتى.

مەيداندا ھۆرمەت ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇلدى ۋە  ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. ئاندىن شېھىتلەر ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇلۇپ دۇئا قىلىندى. پائالىيەتكە قاتناشقانلار جۇمھۇر رەئىس  رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2016-يىلى 15 – ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك سىنلىق ئۇچۇرىنى ئاڭلىدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بۇ يەردە سۆزلىگەن نۇتىقىدا كۆپچىلىكنىڭ 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىنى تەبرىكلەپ،  6 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە فەتۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خائىنلارچە سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىنى كوچىغا چىققان مىليونلىغان ۋەتەن ئەۋلادلىرىنىڭ چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ فەتۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىق دۆلەتلەرگە شۇنداقلا ئۆزلىرى نىسبەتەنمۇ تەھدىت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى، 45 دۆلەتتە فەتۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق مائارىپ پائالىيەتلىرىنىڭ توسۇپ قىلىنغانلىقىنى، بۇ مەكتەپلەردىن 21 ىنىڭ تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتىگە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فەتۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ھەققىدە يازغان ماقالىسىنىڭ بۈگۈن دۇنيادىكى 101 ئوخشىمىغان دۆلەتتە ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، بەزى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىدىن ئىجابىي ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 15-ئىيۇل كېچىسى مىللەت يازغان داستاننىڭ ۋە ياراتقان ئىتتىپاقلىقنىڭ 6 يىلدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىزنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنىڭ مەنبەسى، مىللىتىمىزنىڭ دۇئاسىدۇر، ئىتتىپاقلىقىمىزنىڭ داۋامىدۇر. شەھىدلىرىمىز ۋە غازىلىرىمىزنىڭ مىراسىغا لايىق بولۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېرىش چارچاش ۋە توختاش يوق. خىزمەت قىلىشنى مىللىتىمىزنىڭ ھەق -ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى ھەممىلا يەردە قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز. شانلىق بايرىقىمىزنى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىپتىخار بىلەن لەپىلدىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر