ئەنقەرە گېرمانىيە باياناتچىسىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كىرىستوفېر بۇرگېرنىڭ، گىرېتسىيەنى ياقلاپ، تۈركىيەگە قارشى قىلغان سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1844439
ئەنقەرە گېرمانىيە باياناتچىسىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى گىرېتسىيەنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا تايىنىپ، تۈركىيەگە قارشى قىلغان سۆزلىرىگە كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، باياناتچىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەنقەرەنى ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

تانجۇ بىلگىچ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «دۆلىتىمىزنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىپ، بوشلۇقىمىزدا ئايروپىلانلىرىنى ئۇچۇرغان ۋە ئايروپىلانلىرىمىزغا پاراكەنچىلىك سالغان تەرەپنىڭ گىرېتسىيە بولۇشىغا قارىماي، گېرمانىيە باياناتچىسىنىڭ دۆلىتىمىزنى ئاساسسىز ئەيىبلىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

بىز گېرمانىيە باياناتچىسىغا، ئىككى تەرەپ ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىگە جاۋاب قايتۇرمىغان، ھەمدە ئەگە دېڭىزىدىكى ئەڭ يېڭى جىددىيلىكنى باھانە قىلىپ، بۇ يىغىنلارنى توڭلىتىپ قويغان تەرەپنىڭ تۈركىيە ئەمەسلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمىز.

بىز سۆھبەتلىشىش (كە رىغبەتلەندۈرۈپ)، جىددىيلىكنى پەسەيتىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەنى يەنە بىر قېتىم، ئىككى ئىتتىپاقداش ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلاردا تەرەپ تۇتماسلىققا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنسىزلىقىغا ئويۇنچۇق بولۇپ بەرمەسلىككە شۇنداقلا سالاھىيەت ۋە مەسئۇلىيىتى بولمىغان ساھە ۋە تېمىلاردا يان بېسىپ تۇرۇپ بايانات بەرمەسلىككە چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر