ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتىنى 243 مىليارد دوللارغا يەتكۈزدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتىنى 243 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ۋە بۇ نىسبەتنى ھەر ئاي ئۆستۈرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1842347
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتىنى 243 مىليارد دوللارغا يەتكۈزدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدىكى خەلىج قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «29 – نۆۋەتلىك تۈركىيە ئېكىسپورتچىلار مەجلىسى پەۋقۇلئاددە ئومۇمىي كېڭىشى» يىغىنى ۋە «ئېكسپورت چېمپىيونلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى» غا قاتناشتى.

ئۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئېكسپورتنىڭ چېمپىيونلىرى سۈپىتىدە مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن شىركەتلىرىمىز ۋە كارخانىچىلىرىمىزنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. ئېكسپورتىمىزنى 243 مىليارد دوللارغا يەتكۈزدۇق. خۇدايىم بۇيرىسا، بۇ نىسبەتنى ھەر ئاي ئۆستۈرىمىز. 217 دۆلەت ۋە رايونغا قىلغان ئېكسپورت بىلەن بايرىقىمىز ھەممە يەردە لەپىلدەيدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇق.»

تۈركىيەنىڭ 2022 – يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى تەرەققىياتىنىڭ يېرىمىغا يېقىن قىسمىنى ئېكسپورتنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق دېدى: «بۇ مەنزىرە، دۆلىتىمىزنى سېلىنما، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت ۋە ئېشىنچا مەھسۇلاتلار بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئىسپاتىدۇر.»

ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە يېڭى سېلىنما قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەڭ ئېغىر زەربىلەرنى بەردۇق. دۆلىتىمىزنى قورشاۋغا ئېلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى مەغلۇب قىلدۇق. چېگرا لىنىيەلىرىمىزنىڭ سىرتىدىن بىزنى خاتىرجەمسىز قىلىشقا ئۇرۇنغانلار كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ يەرگە بېرىشقا تەييارمىز، دېدۇق. نۆۋەتتە ئىراقتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر