تۈركىيە بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدا كىملىك بىلەنلا ئۆتۈش خىزمىتى يولغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدا چېگرادىن كىملىك بىلەنلا ئۆتۈش خىزمىتى باشلىنىدۇ.

1840843
تۈركىيە بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدا كىملىك بىلەنلا ئۆتۈش خىزمىتى يولغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيە ۋە سېربىيە پۇقرالىرىنىڭ كىملىكلىرى بىلەنلا بۇ دۆلەتلەرگە كىرەلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ خىزمەتنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ ئارقىلىق ئۆزئارا ساياھەتچىلەر نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ بېلگراد باش ئەلچىسى ھامى ئاقسوي، سېربىيە ھۆكۈمىتى چىقارغان بۇ قاراردىن كېيىن، كىملىك ​​بىلەنلا ساياھەت قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر