تۈركىيە - رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئەنقەرەدە كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1839679
تۈركىيە - رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئەنقەرەدە كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خىزمەت زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا كۆرۈشتى.

لاۋرورنىڭ زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى، رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر، ئاشلىق يۆتكەش پاراخوتلىرىنىڭ قارادېڭىزدا بىخەتەر قاتنىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، قارادېڭىز ۋە ئۇنىڭ پورتلىرىغا بىخەتەر كىرىپ – چىقىشلار، شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قايغۇلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى پىلانلانماقتا.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋغا زىيارىتى جەريانىدا بىر ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەمراھ بولماقتا.

لاۋروۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر