تۈركىيە - رۇسىيە ھەيئەتلىرى ئەنقەرەدە ئۇرۇش، ئاشلىق كىرىزىسى، تېررور مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1839868
تۈركىيە - رۇسىيە ھەيئەتلىرى ئەنقەرەدە ئۇرۇش، ئاشلىق كىرىزىسى، تېررور مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە تۈركىيەنىڭ (بۇغداي كارىدورى) بەرپا قىلىشى ئۈچۈن شەكىللەندۈرۈلىدىغان مېخانىزم ھەمدە ئورنىتىلىدىغان ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلاننى ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

لاۋروۋ بىلەن ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدىن دۇنياغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلار توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ خەلقئارا بازارغا ئېكسپورت قىلىنىشى ئۈچۈن ھەر خىل پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ۋە ب د ت نىڭ بۇنىڭغا ئالاقىدار بىر پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز ب د ت، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا (بۇغداي كارىدورى بەرپا قىلىش ئۈچۈن) شەكىللەندرۈلگۈسى بىر مېخانىزم ۋە ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  پىلان ئۈستىدە توختىلىۋاتىمىز. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ پىلاننى مۇۋاپىق ۋە تەدبىقلىغىلى بولىدىغان پىلان دەپ قارىماقتىمىز» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ بۇ پىلاننىڭ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ب د ت نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئىستانبۇلدا يىغىن چاقىرىپ، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇزاكىرە قىلساق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق» دېدى.

تۈركىيە، ئۇكرائىنا دانلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاپتاپپەرەس مېيى قاتارلىقلارنىڭ خەلقئارا بازارلارغا سېلىنىشى بەدىلىگە رۇسىيەنىڭ ئېسكپورتنىڭ ئالدىدىكى توسۇقلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى تەلىپىنى ئىنتايىن يوللۇق ۋە قانۇنلۇق دەپ قارايدۇ، دېگەن چاۋۇشئوغلۇ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ ئىشنى پەقەت رۇسىيە ئېكسپورت قىلىدىغان دانلىق مەھسۇلاتلار بىلەن ئوغۇتنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈۋېتىش توغرا ئەمەس. بىز يېقىندىن بۇيانقى باياناتلاردا بۇنى كۆرۈۋاتىمىز. ھالبۇكى، بۇ مەھسۇلاتلارنى توشۇيدىغان پاراخوتلارنى ئىستراخۇانىيە قىلدۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتى مەسىلىسى، پورتلارغا كىرىش، يېقىنلىشىش مەسىلىسى، قىلىنىدىغان مۇلازىمەت ۋە پۇل تۆلەش ئىشلىرى، يەنى بانكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر جەھەتتىمۇ زۆرۈر قەدەملەرنى بېسىش كېرەك دەپ ئويلايمىز» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ پاراخوتلارنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بۇ مېخانىزمنى بالدۇرراق يولغا قويۇشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «(رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش مەسىلىسىدە) بىز سۆھبەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېمىسىنىڭ بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئىجابىي كەيپىيات ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغۇسى بىر ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، «ھەم سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ھەمدە بىزگە قارشى تەھدىتىنى كۈچەيتىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بۇ دۆلەتتىن تازىلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ قارادېڭىز كارىدورى توغرىسىدا توختىلىپ: «تۈرك دوستلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز، بۇ ناھايىتى مۇھىم. ئۇكرائىنا تەرەپ مىناسىزلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى باشلاشقا تەييار بولسا، بىزمۇ تەييارمىز» دېدى.

ئۇ يەنە: «تۈرك دوستلىرىمىزنىڭ چەت كۈچلەر تەرىپىدىن (سۈرىيە) چېگرالىرىدا شەكىللەندۈرۈلگەن تەھدىتلەر توغرىسىدىكى سەزگۈرلۈكىنى نەزەردە تۇتىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (سۈرىيەدە) بىر قاتار تەشكىلاتلارنى قانۇنسىز شەكىلدە باقماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر