ئەردوغان: خەۋپسىزلىك ئەندىشىمىزنى يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تۈگىتىمىز
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «جەنۇبىي چېگرالىرىمىزدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشلىرىنى يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىمىز» دېدى.
![ئەردوغان: خەۋپسىزلىك ئەندىشىمىزنى يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تۈگىتىمىز](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/8a34/17f4/a3d0/629b19eec301c.jpg?time=1718735240)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەنىڭ قىزىلجاھامام ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن 30- نۆۋەتلىك مەسلىھەت ۋە مۇھاكىمە يىغىنىدىكى سۆزى جەيانىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنى بارلىق ساھەلەر بويىچە دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ئارمىيەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش يولىدا قەدەملەرنى تاشلىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «فىرات قالقىنى، زەيتۇن شېخى، تىنچلىق بۇلىقى، باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەنۇب چېگرايىمىزدا شەكىللەندۈرۈلگەن تېررورلۇق كارىدورىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدۇق.
جەنۇب چېگرايىمىزدىكى بىخەتەرلىك لىنىيەمىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تولۇقلايمىز. بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى يېڭى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718735241)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718735241)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.