چاۋۇشئوغلۇ: بالقان رايونى ناھايىتى سەزگۈر ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرمەكتە

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بالقان رايونىنىڭ ناھايىتى سەزگۈر ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1837004
چاۋۇشئوغلۇ: بالقان رايونى ناھايىتى سەزگۈر ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئەسكىشەھىرگە بارغان مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، بالقان رايونى ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى سەزگۈر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «مەن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بالقان رايونىدىكى تۆت دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىمەن. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز (رەجەپ تاييىپ ئەردوغان)مۇ زىيارەت قىلىدۇ. تۈركىيە بۇ رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەر بىردەك ئىشىنىدىغان بىردىنبىر دۆلەت. بىز ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلماستىن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە (باشقا) بالقان دۆلەتلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوللايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر