مۇستاپا ۋارانك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى سودا مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى سودا مىنىستىرى تانى بىن ئەھمەد ئەل زەيودى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئىلىم-پەن ۋادىسىدا كۆرۈشتى.

1819220
مۇستاپا ۋارانك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى سودا مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا ۋارانك ئەل زەيودى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، كۈچلۈك سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە سودا پۇرسىتى بىلەن ئىشەنچلىك بىر شېرىك ئىكەنلىكىنى  ھەمدە دۇنياغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ سۈپەتلىك مال تەمىنلىيەلەيدىغان ئەڭ مۇھىم تاللاش مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەيئەتلەرئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى مىنىستىر تۈركىيەنىڭ نۇقتىلىق لايىھەسى «Togg»  (تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل كارخانا گۇرۇھى) دىكى UserLab ئىشلەتكۈچى تەجرىبە مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، لايىھەگە ئالاقىدار مەلۇمات ئالدى ۋە  «Togg» نى سىناق  قىلىپ ھەيدەپ باقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر