ئەسكىشەھىردە يېڭى بىر ئۆمۈچۈك تۈرى بايقالدى
ئەسكىشەھىردە بىر گۇرۇپپا ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن بايقالغان ۋە «Brachythele zonsteini» دەپ نام بېرىلگەن ئۆمۈچۈك دۇنيا ئەدەبىياتىدىن ئورۇن ئالدى.
1813500
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسكىشەھىرنىڭ كالاباك ۋە تاندىر مەھەللىلىرىدە بېشى پەرقلىق بىر ئۆمۈچۈك تۈرى بايقالدى.
تەخمىنەن 2 يىل تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۆمۈچۈككە «Brachythele zonsteini» دەپ نام بېرىلدى.
بۇ يېڭى تۈر «Arthropoda Selecta» ناملىق خەلقئارالىق باھالىغۇچىلار ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا ئەدەبىياتىدىن ئورۇن ئالدى.