تۈركىيە فىلىپپىنغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە فىلىپپىندە چىققان مېگى بورىنىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

1812190
تۈركىيە فىلىپپىنغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىلىپپىندە چىققان مېگى بورىنىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

مىنستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا چىققان مېگى بورىنى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سۇ ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا، دوست فىلىپپىن خەلقى بىلەن ھۆكۈمىتىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارنىڭ تېزلىكتە شىپالىق تېپىشىنى تىلەيمىز» دېيىلدى.

فىلىپپىندە يېقىنقى بىرھەپتىدىن بۇيان چىققان مېگى بورىنى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋە سۇ ئاپەتلىرىدە 121 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر