تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 28 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 28 كىشىىگە يەتتى

1810738
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 28 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  182 مىڭ 211 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 6 مىڭ 893 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 11 مىڭ 207 كىشىگە يەتتى.  

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن ۋاكسىنا سانى 147 مىليون 235 مىڭ 102 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر