تۈركىيە ئارمىيەسىگە يېڭى «كامىكازە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى» تاپشۇرۇلدى
تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىدىكى «كامىكازە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى» KARGU لارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.
![تۈركىيە ئارمىيەسىگە يېڭى «كامىكازە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى» تاپشۇرۇلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/19ae/f5b4/f38e/6252e2b24ba1e.jpg?time=1718727258)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دېمىر ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان ئايلانما قاناتلىق ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسى KARGU نىڭ يېڭى زاكاسلىرىنىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىسمائىل دېمىر تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، STM مۇداپىئە تېخنىكىسى ئىنژېنيېرلىقى ۋە سودا ھەسسىدارلىق شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان سىستېمىنىڭ رەسىملىرى بىلەن زاكاس يەتكۈزۈش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئىسمائىل دېمىر، «KARGU نىڭ يېڭى زاكاسلىرىنى يەتكۈزۈشىنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىخەتەرلىك قىسىملىرىمىزنىڭ ھەرىكەت ساھەسىدە قولىنى كۈچەيتىدىغان KARGU نىڭ يېڭى زاكاسلىرىنى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا يەتكۈزدۇق، خەيىرلىك بولسۇن» دېدى.
ئىسمائىل دېمىر «كامىكازە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان KARGU نىڭ ئوخشاشلىرىدىن ئۈستۈن ئەۋزەللىكلىرى تەرەپكە دىققەتنى تارتقان ۋىدېيودا، بۇ سىستېمىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋاقتىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقى، ۋەزىپە ئۆتەش ئېگىزلىكىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، ئاۋازىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن باشقا يەنە تېز، چاققان، ئەقىللىق ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718727258)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718727258)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.