تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 40 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 40 كىشىىگە يەتتى
1807234
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 263 مىڭ 343 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 12 مىڭ 647 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.
بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 13 مىڭ 958 كىشىگە يەتتى.
تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن ۋاكسىنا سانى 147 مىليون 97 مىڭ 462 گە يەتتى.