ئەردوغان پۇتىن بىلەن زېلېنىسكىينى ئۇچراشتۇرۇش پىلانىنى ئۇ ئىككىسىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينى بىر يەرگە جەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ھەر ئىككى رەھبەرگە ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1805150
ئەردوغان پۇتىن بىلەن زېلېنىسكىينى ئۇچراشتۇرۇش پىلانىنى ئۇ ئىككىسىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان زىيارىتىدىن قايتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسغا چارە ئىزدەش دائىرىسىدە پۇتىن ۋە زېلېنسكى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ھەر ئىككىسىگە <بىزنىڭ مەقسىتىمىز سىلەرنى بالدۇرراق بىر يەرگە جەم قىلىش> دەيمىز...(پۇتىن بىلەن زېلېنسكىينى) بىر يەرگە جەم قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت بېكىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز دۆلەت باشلىقلىرى دەرىجىلىك يىغىنغا  ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييارمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پۇتىن ئەپەندى بىلەن زېلېنىسكىي ئەپەندىنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىگە تايىنىپ بۇ ۋەزىپىنى تاماملاش بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «پىرىنسىپ جەھەتتىن مۇشۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەمما تەپسىلاتلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر روزا ھېيتتىن كېيىن (4-ماي) ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت بىلەن كۆرۈشۈپ دەرھال قەدەم تاشلىساق، ئىسرائىلىيە - تۈركىيە ھەمكارلىقى شەرقىي ئاقدېڭىز نېفىتى ۋە تەبىئىي گازىغا مۇناسىۋەتلىك جەرياننى تېزلىتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ: «مەن (ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگقا)« مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مەسچىتى ئەقسانى خاتىرجەم زىيارەت قىلالىسۇن. بۇ جەھەتتە كېرەكلىك ياردەمنى قىلىڭ، دېدىم» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر