ئالتۇن، ئىستانبۇلدىكى رۇسىيە - ئۇكرائىنا سۆھبىتىنىڭ ئۈمىد پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە سۆھبەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختالدى.

1804083
ئالتۇن، ئىستانبۇلدىكى رۇسىيە - ئۇكرائىنا سۆھبىتىنىڭ ئۈمىد پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە سۆھبەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشىنىڭ تۈركىيە ۋە پۈتكۈل دۇنياغا كىرىزىسنىڭ تېز ھەل بولۇش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ئۈمىد پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا رۇسىيە – ئۇكرائىنا سۆھبەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى؛ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كىرىزىس باش كۆتۈرگەن دەسلەپكى كۈن (24 – فېۋرال)دىن بۇيان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆپ قېتىم بىۋاسىتە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئالتۇن، ئۇچۇرىدا: «سۆھبەتلەرنىڭ ئاخىرقى قېتىمقىسى جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە سۆھبەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى بىزدە ۋە پۈتۈن دۇنيادا كىرىزىسنىڭ تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىنىدىغانلىقى ئۈمىدىنى پەيدا قىلدى. تۈركىيە، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىشچانلىق كۆرسىتىشنى توختاتمايدۇ. رايونىمىز تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇش ۋە ئىنسانىي كىرىزىسىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. بىز مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەرنى تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تەشەببۇسلىرىنى قوللاشقا چاقىرىمىز. چۈنكى بىز تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر