قالىن پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى موئىد يۈسۈف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1800927
قالىن پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بىلەن دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى موئىد يۈسۈفنىڭ، تۈركىيە – پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي قاتارلىق ساھەلەردىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر