چاۋۇشئوغلۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىگە يۈرۈپ كەتتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يۈرۈپ كەتتى.

1798810
چاۋۇشئوغلۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىگە يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرى شەيخ ئابدۇللاھ بىن زايىد ئال نەھياننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۇبەيگە يۈرۈپ كەتتى.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارەت دائىرىسىدە 16 – نۆۋەتلىك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى باش ئەلچىلەر ۋە دىپلوماتىيە ۋەكىللىرى مۇنبىرىنىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە ئىشتىراكچىلارغا سۆز قىلىشى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئال نەھيان بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر