تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 115 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 115 كىشىىگە يەتتى.

1796161
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 115 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 333 مىڭ 196 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 24 مىڭ 614 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 30 مىڭ 553 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن ۋاكسىنا سانى 146 مىليون 304 مىڭ 93 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر