مىنىستىر ئاقار ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار رۇس ۋە ئۇكرائىنالىق مەنسەپداشلىرى سېرگېي شويگۇ ۋە ئولېكسىي رېزنىكوف بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

1794207
مىنىستىر ئاقار ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر ئاقارنىڭ شويگۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، رۇسىيە پورتلىرىدا ساقلاۋاتقان پۇقرالار پاراخوتلىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا تۈركىيەگە كېلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ياردەم ۋە تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىلىشىنىڭ مۇھىملىقى، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ئۇرۇش توختىتىشنىڭ زۆرۈلۈكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئاقار يەنە، ھەر تۈرلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى قىلىشقا تىرىشىۋاتقان تۈركىيەنىڭ، رايوننىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم بايان قىلدى.

ئاقار ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرى رېزنىكوف بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدىمۇ، تېخىمۇ كۆپ ئىنساننىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزرەك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە پۇقرالارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئېچىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورىنى ئوچۇق قالدۇرۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىنىستىر ئاقار، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ۋە تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر