ئەردوغان 20 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەئىسى بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1791931
ئەردوغان 20 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەئىسى بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئايال مەھەللە باشلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا توختالدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە 20 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «كۆرۈشۈشلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن. تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ئەسكە سېلىنىشى نۇقتىسىدىن بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمەن» دېدى.

ئەتە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىساك ھېرزوگنىڭ تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، پەيشەنبە كۈنى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ كېلىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر