قالىن پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە زىيارەتلىرىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەگە قىلغان زىيارەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

1780735
قالىن پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە زىيارەتلىرىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەگە قىلغان زىيارەتلىرىمىزدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر، پەلەستىن، قۇددۇس، مەسجىدى ئەقسا، ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئەپەندىنىڭ تۈركىيەگە قىلىدىغان زىيارىتى، رايونلۇق تىنچلىق ۋە مۇقىملىق يولىدا بۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق، بۇ زىيارەتلىرىمىزنىڭ خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر