مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىسقا فىلىم تەييارلاپ تارقاتتى.

1781084
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا، 1952- يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنى ناتوغا قوشۇلغان تۈركىيەنىڭ ئەزالىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگرامما ھەمبەھرىلىدى.

تېلېگراممىدا: «ناتونىڭ ئىككىنچى كۈچلۈك ئارمىيەسىگە ئىگە بولغان تۈركىيە، «ئىشەنچلىك، كۈچلۈك ۋە پائال» بىر ئىتتىپاقداش سۈپىتىدە ناتو بىخەتەرلىكىنىڭ دەل مەركىزىدىن ئورۇن ئېلىپ، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەييارلانغان مەخسۇس قىسقا فىلىمدا بولسا، 1952- يىلدىكى تۈركىيە ناتوغا كىرگەن ۋاقىتتىكى سۈرەتلەر ۋە تۈركىيە قىسىملىرى قاتناشقان ناتو مانېۋىرلىرىنىڭ فوتو – سۈرەتلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر