تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك غا زەربە بەردى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1775741
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك غا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە ئاۋاشىن رايونىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنڭ ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە زەربە بېرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر