تۈركىيە خەلقئارا جەمئىيەتنى گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەن پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىردى

تۈركىيە، گىرېتسىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1773908
تۈركىيە خەلقئارا جەمئىيەتنى گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەن پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، گىرېتسىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بارلىق ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بۇ پوزىتسىيەگە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، گىرېتسىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا قايتۇرۇۋېتىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كۆچمەنلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان بۇ قانۇنسىز ۋە ناتوغرا ئۇسۇلنىڭ ياۋروپانىڭ نومۇسى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى گىرېتسىيەنىڭ تەرتىپسىز كۆچمەنلەرگە تۇتۇۋاتقان بۇ خىل رەھىمسىز پوزىتسىيەسىگە سۈكۈت قىلماقتا ۋە تەشەببۇسىمىزلىرىمىزنى جاۋابسىز قالدۇرماقتا. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى گرېتسىيەنىڭ بارلىق ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بۇ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

2 – فېۋرال ئەدىرنەنىڭ پاشاكۆي يېزىسىنىڭ مانداكورۇ مەھەللىسىدە توڭلاپ قازا قىلغان 11 تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ جانسىز جەسىتى تېپىلغان، بالنىستقا ئېلىنغان بىر تەرتىپسىز كۆچمەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانىدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، توڭلاپ قازا قىلغان كۆچمەنلەرنىڭ ئايىغى ۋە كىيىملىرىنىڭ گىرېتسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سالدۇرۇۋېلىنىپ،  قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى ئالدىنقى كۈنىمۇ مەزكۇر رايوندا مۇزلاپ قازا قىلغان 7 تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ جانسىز جەسىتىنى تاپقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر