ئەردوغان: پۇتىن بىلەن زېلېنىسكىينى كۆرۈشتۈرىمىز

ئەردوغان ئۇكرائىنا زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1773643
ئەردوغان: پۇتىن بىلەن زېلېنىسكىينى كۆرۈشتۈرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ھۆرمەتلىك (رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىن بىلەن (ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) زېلېنسكىينى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئېچىشنى خالايمىز. زېلېنسكى ئەپەندى بىلەن تۈزىگەن كېلىشىمىمىز مۇشۇ يۆنىلىشتە» دېدى.

ئەردوغان ئۇكرائىنا زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

زىيارەت جەريانىدا تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «ئەپسۇسكى، ئۇكرائىنا - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىك بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بىز جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن قوشۇشقا تېگىشلىك تۆھپىنى قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى زېلېنسكىي ئەپەندىگە ئالاھىدە بايان قىلدۇق. ئۇمۇ <مەن مۇشۇنداق بىر قەدەم تاشلىنىپ قالسا، قىلىشقا تېگىشلىك ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييارمەن> دېدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇخبىرلارنىڭ <رۇسىيە – ئۇكرائىنا يىرىكچىلىكى>دە  بىر قىسىم خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار بىلەن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان باياناتلىرىغا قانداق قارايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «شۇنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشۇم لازىم؛ بۇ مۇساپىگە دىققەت بىلەن نەزەر تاشلىنىدىغان بولسا، ئەپسۇسكى، غەرب بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ھېچقانداق تۆھپە قوشمىدى. مەن ئۇلارنى ئىشلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتىدۇ، دېيەلەيمەن. بۇ جەھەتتە مەن پۇتىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. زېلېنىسكىي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىمدا  بۇ جەھەتتە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق. چۈنكى، نۆۋەتتە ياۋروپادا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان رەھبەر يېتەرسىزلىكى بار.

ئامېرىكانىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، (ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو) بايدىنمۇ ھازىرغا قەدەر بۇ جەريانغا ئىجابىي مۇئامىلە قىلالمىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن يىغىنلىرىدىمۇ ئىلگىرىلەش بولمىدى. بىز بۇنى ئېنىق كۆرۈۋاتىمىز. پۇتىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەگەر بىزگە مۇرەسسەچىلىك رولى تەقسىم قىلىنسا، بىز بۇ خىزمەتكە مۇرەسسەچى سۈپىتىدە قاتنىشىپ، ئىنشائاللاھ ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداشقا تىرىشىمىز» دېدى.

ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسوننىڭمۇ ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز بۇ زىيارەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن قەدەم تاشلاشنى خالايمىز. ھۆرمەتلىك ئىلھام ئەلىيېۋ قېرىندىشىمىز بىلەن بۇ زىيارەتتىن كېيىن بەزى سۆھبەتلىرىمىز بولدى. ئاساسلىق مەسىلە، بىر نەرسە (مەنپەئەت) كۈتمەستىن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىشتۇر» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيە ھازىرغىچە بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ باقمىغان پۇتىن بىلەن زېلېنسكىينى بىر يەرگە جەم قىلالامدۇ يوق؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، پۇتىننىڭ تۈركىيە تەكلىپىگە بىنائەن خىتايدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىجابىي ئىنكاس بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەمدى زىيارەت ۋاقتىنى بېكىتىمىز. ئارقىدىن، پۇتىن ئەپەندى بىلەن زېلېنىسكىي ئەپەندىنى ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن  بۇ يىغىننى ئېچىشنى خالايمىز. ئىشىنىمەنكى، ئەگەر بىز بۇ يىغىننى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرمەي، يۇقىرى سەۋىيەدە ئەمەلگە ئاشۇرالىساق، بۇ يەردىن ئېرىشىدىغان نەتىجىمىزنىڭ رايوندا يېڭى بىر شەكىللىنىشكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. زېلېنسكىي بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆرۈشۈشۈم جەريانىدا مەندە بۇ ئۈمىد پەيدا بولدى، ئىنشائاللاھ ئاقىۋىتىنىڭ خەيرلىك بولغۇسى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر