تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 217 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 217 كىشىىگە يەتتى

1772659
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 217 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  457 مىڭ 885 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 110 مىڭ 682 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 86 مىڭ 671 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 142 مىليون 348 مىڭ 958 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر