تۈركىيە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا «قىش بۈركۈتى» ناملىق ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ تېررورچىلار بازا قىلىپ پايدىلىنىۋاتقان سەرىك، سىنجار ۋە قاراجاك رايونلىرىدىكى تېررور ئۇۋىلىرىغا قارشى «قىش بۈركۈتى» ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى.

1772022
تۈركىيە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا «قىش بۈركۈتى» ناملىق ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك، ك ج ك، ي پ گ ۋە باشقا تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىي مەنبەلىك خەلق ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا خاتىمە بېرىش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەرتنامىسىنىڭ 51- ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئاساسەن، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ تېررورچىلار بازا قىلىپ پايدىلىنىۋاتقان سەرىك، سىنجار ۋە قاراجاك رايونلىرىدىكى تېررور ئۇۋىلىرىغا قارشى «قىش بۈركۈتى» ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا: «قىش بۈركۈتى ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلىتىمىز، خەلقىمىز ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىمىزگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان تېرروچىلارنىڭ پاناھلىنىش ئورنى، ئۆڭكۈر، تونېل، ئوق دورا ئىسكىلاتى ھەمدە ئاتالمىش ​​باش شىتاب ۋە مەشىق لاگېرلىرىغا زەربە بېرىش نىشان قىلىندى.

ھەرىكەتنى پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىشتا، پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى، شۇنداقلا مۇھىتنى قوغداشقا ئالاھىدە سەزگۈرلۈك بىلەن ئەھمىيەت بېرىلدى.

ئاساسلىقى يەرلىك ۋە مىللىي ئوق- دورىلار ئىشلىتىلگەن ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن، ئايروپىلانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىخەتەر ھالدا بازىسىغا قايتىپ كەلدى.

ئالىيجاناب مىللىتىمىزنىڭ باغرىدىن چىققان تۈركىيە ئارمىيەسى ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىتەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە قەتئىي ئىرادە بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدىكى «تېررورچىلارنىڭ ئۆڭكۈرلىرى ۋەيران قىلىنماقتا» تېمىلىق باياناتىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچرۇىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا قارشى باشلىغان «قىش بۈركۈتى» ناملىق ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «تېررورلۇقنى ئۇۋىسىدا بىر تەرەپ قىلىش ئىستراتېگيەمىز چېگرا بىخەتەرلىكىمىز، زېمىن پۈتۈنلۈكىمىز ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقىمىزغا زور تۆھپە قوشتى. جۇمھۇر رەئىسىمىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئىستراتېگىيە يەر شارى تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئىستراتېگىيىگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر