مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكسېي يەرخوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1771897
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلەنگەن يازمىدا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىلەن باش ئەلچى يەرخوفنىڭ كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سۆھبەتتە، خەلقئارالىق مەسىلىلەر ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر