ئالتۇن ئەزەربەيجان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قوللاش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ۋۇسال گۇلىيېۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.
![ئالتۇن ئەزەربەيجان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قوللاش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/b717/6710/fb7d/61f24bda20741.jpg?time=1718857852)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ۋۇسال گۇلىيېۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىدا بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن گۇلىيېۋغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
ئۇ، ئۇچرىشىش ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، 2022 – يىلىنىڭ <شۇرا يىلى> ئېلان قىلىنىشى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەزەربەيجان – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش پىلانى تۈزۈلۈشى مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق، ئۇچرىشىشىمىزنىڭ خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718857852)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718857852)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.