تۈركىيەنىڭ تۇنجى كىچىك سۈنئىي ھەمراھىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك سىگنال قوبۇل قىلىندى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى يانچۇق سۈنئىي ھەمراھى «Grizu-263A» دىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىگنال قوبۇل قىلىندى.

1762518
تۈركىيەنىڭ تۇنجى كىچىك سۈنئىي ھەمراھىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك سىگنال قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زونگۇلداقتىكى بۈلەنت ئەجەۋىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنژېنېرلىق فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان  Grizu-263 ئالەم قاتنىشى ئەترىتى ياساپ چىققاندىن كېيىن ئامېرىكانىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كەيپ كاناۋېرال بازىسىدىن قوبۇپ بېرىلگەن تۈركىيەنىڭ تۇنجى يانچۇق سۈنئىي ھەمراھىدىن سىگناللارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قوبۇل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

Grizu-263A تۈنۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 18 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە Space X نىڭ Falcon-9 ناملىق راكېتاسى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ تەخمىنەن 1 سائەتتىن كېيىن ئوربىتىسىغا ئورۇنلاشتى.

Grizu-263 ئالەم قاتنىشى ئەترىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ھەمبەھرىلەنگەن ئۇچۇردا: «<Grizu-263A> سۈنئىي ھەمراھىمىزدىن تۇنجى سىگناللار مۇۋەپپەقىيەتلىك قوبۇل قىلىندى، سۈنئىي ھەمراھىمىز ھايات. سىنگاللارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كاپالەندۈرگەن مەھمەت فاتىھ  ئەنگىن، تاھسىن چاغرى شىشمان، ئىبراھىم ئاردا، يىلماز بارىش ئەركان ۋە ئوقۇتقۇچىمىز بىلگە دەمىركۆزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەترەت باشلىقى چاغلا ئايتاچ دۇرسۇنمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «ئىپتىخار. لايىھەلىدۇق، ئىشلەپچىقاردۇق، سىناق قىلدۇق ۋە ئالەم بوشلۇقىغا يوللىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

1992-يىلى 3- مارت زونگۇلداكتا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئالەم ساياھىتىنى باشلىغان بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ تەخمىنەن 525 كىلومېتىرلىق ئېگىزلىكتىكى ئوربىتىسىدا 4 يىل 8 ئاي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر