تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بەردى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئۈچ تېررورچىسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1757285
تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «كۈرىشىمىز قەتئىي داۋاملاشماقتا. تىنچلىق بۇلىقى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان  پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچى قەھرىمان جەڭچىلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر