تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 129 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 129 كىشىىگە يەتتى.
1755927
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 362 مىڭ 836 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 33 مىڭ 520 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 22 مىڭ 161 كىشىگە يەتتى.
تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 132 مىليون 215 مىڭ 15 كە يەتتى.