«خەلقىمىزگە قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە قۇرۇپ چىقىشنى ئەھدە قىلىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە خەلقىگە قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە قۇرۇپ چىقىشنى ئەھدە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1755110
«خەلقىمىزگە قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە قۇرۇپ چىقىشنى ئەھدە قىلىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «2022 – يىلىنىڭ پۈتكۈل خەلقىمىز ئۈچۈن، شۇنداقلا، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى رەببىمىزدىن تىلەيمەن. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قۇرغان دۇنيا تەرتىپنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ ئازاب - ئوقۇەتلىرى، دەرد – ئەلەملىرى ۋە ئېتىرازلىرىغا ھەل قىلىش چارىسى بولالمايدىغانلىقى، 2021-يىلى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا چىقتى. پۈتكۈل خەلقىمىزگە، ئېلىمىزنى 2023-يىللىق ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يەتكۈزۈپ، دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى 10 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش، قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە قۇرۇپ چىقىشنى ئەھدە قىلىمىز. يېڭى تۈركىيە، كۈچلۈك دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات ئاساسىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتەك قەتئىي ئىرادىسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەستىن يولىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر