ئەردوغان ئافرىقا ئەللىرى رەھبەرلىرىگە زىپايەت بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان «3- نۆۋەتلىك تۈركىيە - ئافرىقا ھەمكارلىقى يىغىنى»غا قاتناشقان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى.

1749240
ئەردوغان ئافرىقا ئەللىرى رەھبەرلىرىگە زىپايەت بەردى
erdogan afrikali liderler yemek2.jpg
erdogan afrikali liderler yemek1.jpg
erdogan afrikali liderler yemek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى، سومالى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد فارماجو، لىۋىيە پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى رەئىسى مۇھەممەد ئەلمەنفى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى فائۇستىن ئارچەنيج توۋادېرا، ماۋرىتانىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ئولد شەيخ غازۇئانى، ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابى ئەھمەد ئەلى، كوموروس ئىتتىپاقى پىرېزىدېنتى ئاسسومانى ئازالى، رۇۋاندا پىرېزىدېنتى پائۇل كاگامې ۋە جىبۇتى پىرېزىدېنتى ئىسمائىل ئۆمەر گۇئەللەھ قاتارلىقلار بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دولماباھچە ئىشخانىسىدا ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئارقىدىن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە دولماباھچە سارىيىغا بېرىپ، باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىپايەت بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى ۋە ئۇلارغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر