سۇداندا قاچۇرۇلغان تۈركىيە پۇقراسى ئىككى كىشى قۇتقۇزۇلدى

سۇدان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قاچۇرۇلغان تۈركىيە پۇقراسى ئىككى كىشىنى قۇتقۇزۇپ پايتەخت خارتۇمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

1746037
سۇداندا قاچۇرۇلغان تۈركىيە پۇقراسى ئىككى كىشى قۇتقۇزۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دۆلەتنىڭ غەربىگە جايلاشقان شىمالىي دارفۇر ئۆلكىسىدىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ئۆيىگە قايتىش ئەسناسىدا قاچۇرۇلغان تۈركىيە پۇقراسى ئىككى كىشىنى قۇتقۇزۇپ پايتەخت خارتۇمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

ھۆرلۈككە ئېرىشكەن ئىنژېنېر باران ۋە جۈنەدىئوغلۇ بايانات بېرىپ، قويۇپ بېرىلىشىگە كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ خارتۇمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نەزىرئوغلۇ، ۋەقەنىڭ تۈركلەرگە قارشى پىلانلىق سادىر قىلىنغان ۋەقە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «رايوندا بىر قاتار خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بىر ۋەقە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمىز» دېدى.

شىمالىي دارفۇر ئۆلكىسىنىڭ فاشىر شەھىرىدىكى تۈرك ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان تۈركىيە پۇقراسى ئىككى كىشى 7 – دېكابىر ئىشتىن ئۆيگە قايتىۋاتقاندا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن  قاچۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر