خۇلۇسى ئاقار قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەلئەتىييە بىلەن كۆرۈشتى.

1732346
خۇلۇسى ئاقار قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇلدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ھەمدە مۇداپىئە سانائىتىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھەربىي تەلىم – تەربىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىرادىسى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر