تۈركىيە سېررالېئون خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە سېررالېئوننىڭ پايتەختى فرىتوۋندا ماي باكىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، فرىتوۋندا تۈنۈگۈن كەچتە ماي قاچىلانغان ئاپتوموبىلنىڭ سوقۇلىشى بىلەن يۈز بەرگەن پارتلاش نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن ناھايىتى قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا: «سېررالېئون خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە شۇنداقلا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە يرقىنلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز. يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېيىلدى.
فرىتوۋننىڭ شەرقىدىكى ۋېللىنگتون رايونىدا ماي باكى پارتىلاپ 92 كىشى قازا قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.