چاۋۇشئوغلۇ پولشا پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ (تۈنۈگۈن) پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرېجز دۇدا بىلەن كۆرۈشتى.

1714649
چاۋۇشئوغلۇ پولشا پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت پولشانىڭ پىرېزىدېنتى ئاندرېجز دۇدا بىلەن كۆرۈشتۇق. ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىز چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. سودا، مۇداپىئە سانائىتى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر