ئىزمىردا 63 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

گىرېتسىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 63 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى...

1706055
ئىزمىردا 63 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 63 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى، قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان 38 تەرتىپسىز كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى.

تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى، چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئۈچ كېمىدە بىر تۈركۈم تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئېلىپ دەرھال نەق مەيدانغا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى يوللىدى؛ گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئېنىقلانغان ئۈچ كېمىدىكى 63 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ناھىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە يەلكەنلىك كېمىگە ئولتۇرۇپ قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان 38 تەرتىپسىز كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى؛ چەت ئەل پۇقراسى مەزكۇر كۆچمەنلەر، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر بىجىرىلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر