تۈركىيە تالىبان بىلەن قەدەممۇ قەدەم ئالاقە ئورنىتىدۇ

تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ: «بىز تالىبان بىلەن قەدەممۇ قەدەم ئالاقە ئورنىتىشنىڭ توغرا قەدەم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇپ، بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

1705535
تۈركىيە تالىبان بىلەن قەدەممۇ قەدەم ئالاقە ئورنىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئافغانىستان تېمىلىق مەخسۇس يىغىنىغا تۈركىيەمۇ تەكلىپ قىلىندى؛ تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ يىغىندىكى سۆزى جەريانىدا، ئافغانىستاننىڭ مۇھىم بىر ئاچالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئافغانىستاننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سىغدۇرۇشچان، شۇنداقلا ۋەكىللىك قىلىش دائىرىسى كەڭ بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن سىنىرلىئوغلۇ: «بىز تالىبان بىلەن قەدەممۇ قەدەم ئالاقە ئورنىتىشنىڭ توغرا قەدەم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇپ، بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. (تالىبان) سۆزلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشەنچىمىزگە ئېرىشىشى لازىم» دېدى.

تالىباننىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەمەس، ئەمەلىي تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سىنىرلىئوغلۇ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ كۈچلۈك شەكىلدە قوللاش ۋە ھەمكارلىققا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنىڭ بىرىنىڭ، ئاساسىي خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كابۇلدىكى ئايرودۇرۇمنىڭ توختاۋىسىز مۇلازىمەت قىلىشىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سىنىرلىئوغلۇ، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ قاتار بىلەن بىرلىكتە بۇ يۆنىلىشتە تىرىشچانلق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سىنىرلىئوغلۇ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئافغانىستاننىڭكۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىگە بۇراپ،خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافغانىستان خەلقىنى قوللاشنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر دەرھال ھەرىكەت قوللانمىساق، رايون ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان تېخىمۇچوڭ ئىنسانپەرۋەرلىك پاجىئەلىرى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگەدۇچ كېلىمىز.»

سىنىرلىئوغلۇ: «ئافغانىستاندىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان تەقدىردە، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇبىز بۇ ئارقا كۆرۈنۈشنى ياقلىغان ھالدا، ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى جېفرېي دېئورېنتىسمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «تالىبانلار خەلقئارادا قانۇنىيلىقنى ۋە قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. بىزنىڭ سۆزىمىز ئېنىق؛ قانۇنىيلىققا ۋە قوللاشقا ئېرىشىشى كېرەك» دېدى.

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ، ئافغانىستاننىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۈلۈكلەر ئافغانىستانغا تەۋە، ئافغانىستان ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى، بېسىم ۋاسىتىسى قىلىنماسلىقى كېرەك».

رۇسىيەمۇ ئافغانىستاننىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىنى قوللىدى.

ئافغانىستاننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى غۇلام ئىساكزاي بولسا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى سىغدۇرۇشچان بولمىغان بىر ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلماسلىققا چاقىردى.


خەتكۈچ: #ب د ت , #تالىبان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر