شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە – چاقماق ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى...
![شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d637/cb8b/8842/608e43c083983.jpg?time=1718926453)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە – چاقماق ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، بىر ئەسكەر يارىلاندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 15 – ئاۋغۇس پەنچە – چاقماق زەربە بېرىش ھەرىكىتى رايونىدا تېررورچىلار بىلەن ئارمىيەمىز ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەسكەرنىڭ ئېغىر، يەنە بىر ئەسكەرنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى، ئېغىر يارىلانغان ئەسكەرنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شېھىت ئەسكەر ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغان ئەسكەرگە شىپالىق تىلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718926453)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.