تۈركىيە ھايتىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ھايتىدىكى يەر تەۋرەشتە نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىغا قارىتا تەزىيە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

1691326
تۈركىيە ھايتىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھايتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا 7.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئازابلىنىش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ھايتى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە شۇنداقلا يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە تېلەكلىرىمىزنى يوللايمىز، يارىلانغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق  تىلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر